ikkilik
QQ

بۇزۇپ تاشلاش ئىنتايىن قىيىن بولغان دۇنيا جىنىس رېكورتلىرى قايسىلار؟

يوللانغان ۋاقتى : 2016-10-24 19:51ئاۋاتلىقى : 2409 تۈرى : ئۇيغۇرچە


    1. ئەنگىلىيىلىك گارى تۇرنېر(GarryTurner) قورسىقىنىڭ تېرىسىنى 15.8 سانتىمېتىر 
    سوزۇلدۇرالايدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىدىكى سەۋەپ بولسا ئۇ بىر خىل ئېخلېرس - دانلوس يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. بۇ كېسەللىك بىر خىل بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، تېرە، تارىمۇش ۋە ئىچكى ئەزالارغا تەسىرى بار ئىكەن. بۇ رېكورتنى بىز مەڭگۈ بۇزۇپ تاشلىيالىشىمىز ناتايىن. 

    2. ئامېرىكىدىن كەلگەن ۋېرما. كاڭنا بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ياشانغان ئاياللار ساغلاملىق - گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، ئۇ 1935-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2011 -يىلى 8- ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتىنىڭ لوفېرراند ئۆتكۈزۈلگەن« 2011 - يىللىق دۆلەتلىك مبۇرۇكېملار لېيستېر كەسپىي بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىنىڭ باتۇر كلاسسىك ساغلاملىق - گۈزەللىك چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» گە قاتناشقان. 

    3. پۇتى بىلەن ئوقيا ئېتىش، نىشانغا دەل تەككۈزگەن ئەڭ يىراق ئارىلىق 6.02 مېتىر، تەخمىنەن 20 ئىنگلىز چىسى. بۇ رىكورتنى ساقلاپ قالغۇچى بولسا ئامېرىكىدىن كەلگەن نەنسى . سافېيكې
    (南茜·塞弗科) بولۇپ، ئۇ بۇ تۈردىكى رېكورتنى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانژېلېستا ياراتقان.

    4. بىر مىنۇتتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 923 پارچە كاھىشنى ئۇرۇپ چېقىش رىكورتىنى ئەنگلىيەدىن كەلگەن لىسا . دەننىس بۇ تۈردىكى رېكورتنى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىتالىيەنىڭمىلاندا ياراتقان.

    5. ئىنسانلار تارتىپ ھەركەتلەندۈرەلەيدىغان ئەڭ ئېغىر قاتناش قورالىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30.48 مېتىر كېلىدۇ، ئېغىرلىقى 57243 كىلوگىرام، قاداققا سۇندۇرغاندا 126200 قاداق. بۇ تۈردىكى رېكورتنى كانادالىق كەيۋىن فاست ياراتقان.

مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر