ikkilik
QQ

خەلقئارا نېفىت باھاسى 50 دوللارغا ئۆستى

يوللانغان ۋاقتى : 2016-10-08 23:11ئاۋاتلىقى : 1107 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    جۈمە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى 50 دوللار/باك دىكى توسالغۇ نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 4 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى. سەۋەبى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر (OPEC) تەشكىلاتى قايتا يىغىن ئىچىپ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى كېمەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇزاق مۇددەتلىك نېفىت ئەگرى سىزىقى يۇقىرى ھالەتتە بولدى، يەنە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ نېفىت ساھەسىگە قارىتا ئىشەنچىسى كۈچەيدى. جۈمە كۈنى ئامېرىكا (WTI) قەرەللىك نېفىت باھاسى 50.42 دوللار/باك بولدى، ئالدىنقى سودا كۈنى نېفىت باھاسى 50.63 دوللارغا ئۆرلەپ 4 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى. بىرېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى52.47 دوللار/باك بولدى، ئالدىنقى سودا كۈنى نېفىت باھاسى 52.75 دوللارغا ئۆرلەپ 4 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى خىل كۆرسەتكۈچتە نېفىت باھاسى يېقىندىن بۇيان 50 دوللاردىن يۇقىرى بولدى.
مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر