ikkilik
QQ

يەمەندىكى بۇ بالا ئاچلىقتىن ئورۇقلاپ بىرتىرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بولۇپ ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2016-09-10 21:25ئاۋاتلىقى : 9637 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بويان، يەمەندە ئىزچىل ئۇرۇش ئوتى ئۆچمەي، شۇ جاينىڭ خەلقى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ ئازابلىرىنى يەتكۈچە تارتتى. سۈرەتتىكى بۇ ئوغۇل بالا كېسەل كارۋىتى ئۈستىدە ياتقان بولۇپ، ئاچلىقتىن ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ بىلىكىنى غاجاپ چىشلەپ يارا قىلۋەتكەن بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئاچلىقتىن ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئورۇقلاپ « بىر تىرە بىر ئۇستىخان» بولۇپ قالغان. 

    بۇ ئوغۇل بالا ۋە ئاپىسى بىلەن بىللە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ قولىدىكى يارىسى داكا بىلەن تېڭىلغان بولۇپ، بىر شپىرىس ئالدىدا تۇرغان، ئۇنىڭ بۇ سۈرىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدائېلان قىلغان كىيىن غۇلغۇلا قوزغىدى، ھەم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئىچى سىيرىلدى.

    بۇ يىل 4- ئايدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىلگىرى يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسىغا رىئايە قىلىشى كېرەك دېگەن. خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى : يەمەندە ئۇزاق، ئۈنۈملۈك تىنچلىق كېلىشىمى كەمچىل بولغاچقا، يەمەن ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ كەتتى. سۈرەتتە؛ يەمەندىكى سانادا رايونىدا بىر ماشىنا پارتلاپ كەتكەندىن كېيىن، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۋاتىدۇ.

    2015- يىلىدىن بۇيان، بۇ رايوندا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى يۈز بىرىپ شۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە ناھايىتى زور زىيان ئېلىپ كەلدى ، 6600 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرى ئاددىي پۇقرالار. 

مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر